خۇاۋېي خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ قالدى

خۇاۋېي خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ قالدى

5-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇاۋېي خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىشەنچىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ ئۇچۇر ئالاقە شىركىتى بولغان بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 5G تورىنى تاللىغاندا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ خۇاۋېي شىركىتىنى ياكى جۇڭشىن شىركىتىنى تاللىماي، ئەكسىچە ئېرىكسون شىركىتى بىلەن توختاملاشقان. ئىككى تەرەپنىڭ توختام سوممىسى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دۇنيادا بىرىنچى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان خۇاۋېي شىركىتى ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. چەتئەل شىركەتلىرى ئەمەس، بەلكى خىتاي شىركەتلىرىمۇ خۇاۋېينىڭ كەلگۈسىسىگە نىسبەتەن ئىشەنچىنى يوقاتقان.

بۇ خەۋەر 1155 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2019 00:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق