تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە بولۇشقا چاقىرىلدى

تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە بولۇشقا چاقىرىلدى
29-ماي مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مەرسىن مىللەت ۋەكىلى سابىق ئۆلكۈ ئوجاقلىرى باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دوستى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە بولۇشقا چاقىرىق قىلدى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك مىللىتىنى بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېرلاردا قان ياشلىرى تۆكۈلۈپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە سەزگۈر بولۇشقا چاقىرىق قىلىمەن. تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قېرىندىشىمىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش بىزنىڭ قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىمىزدۇر».

مەنبە:https://www.facebook.com/Eynekhaber/videos/2958489927509613/

بۇ خەۋەر 11531 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2019 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق