ناخشىچى گۆكخان ئۆزئوغۇز: دەھشەتلىك زۇلۇمغا ھېچكىم ئۈن چىقارمىدى
تۈركىيەدىكى داڭلىق ناخشىچى گۆكخان ئۆزئوغۇز 25-ماي تىۋىتتېر ھېساباتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مۇنۇلارنى يازغان: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قورقۇنچلۇق زۇلۇملىرىغا نېمە ئۈچۈن ھېچكىم ئۈن چىقارمايدۇ؟ ئۈچ مىليون ئۇيغۇر تۈركى ئۇچرىغان زۇلۇمغا ئون ياۋروپالىق ئۇچرىغان بولسا، دۇنيا تەۋرەپ كېتەتتى».