خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا زور كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا زور كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزدى

24-ماي خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا زور كۆلەملىك مانىۋېر ئۆتكۈزۈپ، خەلقكە ھەيۋە قىلدى.
نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كوچىلىرى چۆلدەرەپ قالغان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تاجاۋۇزچى قورللىق كۈچلىرى خەلقكە ھەيۋە كۆرستىپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» نامىدا زور كۆلەمدە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق مانىۋېرى ئۆتكۈزگەن.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مانېۋىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1213 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2019 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق