خىتاي ئۈرۈمچىدىكى قەبرىلەرنى كۆچۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى

 

ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قەبرە كۆچۈرۈش ئىشخانىسى قەبرە كۆچۈرۈش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان.
ئۇقتۇرۇشتا شىمالىي ۋوگزال رايونىغا جايلاشقان فېڭتيەن قەبرىستانلىقىدىكى قەبرە ئىگىلىرىنىڭ قەبرىلەرنى كۆچۈرۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق قەيەرگە كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، نېمە سەۋەبتىن كۆچۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.
باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئىسلامىي ئۇسلۇبتىكى قەبرىلەرنى چېقىش ۋە كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان.
خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتەك رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىرگە، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدە ئومۇمىيۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرىنى يۆتكەپ، قەبرىلەردىكى گۈمبەز، ئاي-يۇلتۇز ۋە ئايەتلەرنى ۋەيران قىلغان. شۇنداقلا يېقىندا خوتەندىكى ئىمام ئاسىم ۋە ئىمام جەفەرىي سادىق مازارلىرىنىمۇ چېقىپ تۈزلىۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 1987 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2019 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق