نورۋېگىيەدە «مەھبۇسلار ساداسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

 

4-ماي نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە «مەھبۇسلار ساداسى» ئەركىنلىك يۈرۈشى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، ئوسلونىڭ مەركىزىي كوچىلىرىنى، پادىشاھ سارىيىنىڭ ئالدىنى ئايلاندى. ئاخىردا نوبېل تىنچلىق سارىيىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، بىرنەچچە تىلدا بايانات ئېلان قىلدى ۋە شوئار توۋلىدى. دوپپا كىيگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتى. پائالىيەتنى كۆرۈشكە كەلگەن يەرلىك خەلق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1153 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2019 18:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق