سۇدان خەلقى ھاكىمىيەتنى خەلققە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

 

24- ئاپرېل تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشچە، سۇداندا كەسىپ بىرلەشمىلىرى ۋە ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن مىڭلارچە نامايىشچى ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەتنى خەلققە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئارمىيە ئىشتابى ئالدىغا توپلانغان.

ئۆكتىچىلەر تەشكىللىگەن «ئەركىنلىك ۋە ئۆزگىرىش خىتابنامىسى كۈچلىرى»، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ مەيداندىكى نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ئۆكتىچىلەرنى ئىنقىلابىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن مەيدانغا توپلىنىشقا چاقىردى. بىراق، ئارمىيە تەرەپ ياكى باشقا گۇرۇپپىلار نامايىشقا ئارىلاشمىدى.

نامايىشچىلار سابىق ئۆمەر ئەلبەشىر ھاكىمىيىتى ۋە ھەربىي كېڭەشكە قارشى شوئار توۋلاپ، ھاكىمىيەت خەلققە تاپشۇرۇپ بېرىلمىگىچە مەيداندىن ئايرىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

2019-يىلى 19-دېكابىر سۇداننىڭ شىمالىدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە قارشى باشلانغان نامايىشلارنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان ئاتبېرا شەھىرىدىن يۈزلەرچە كىشى پويىز بىلەن خارتۇمدىكى نامايىش مەيدانىغا كېلىپ، نامايىشچىلارنى قوللىدى.

بۇ خەۋەر 4807 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2019 17:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق