قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان


16- ئاپرېل تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرى كاتىپ چەلەبى ئۇنىۋېرسىتېتىدا « قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان » تېمىسىدا يېغىلىش ئېلىپ بېرىلدى.

پائالىيەتنى تۈرك ئىسلام تەتقىقات تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. خىتاينىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر يۈرگۈزىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنسزلاشتۇرۇش

ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقنى داۋاملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئىسلامىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىنغانلىقى، ھەتتا قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق تراگېدىيىلەرنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى.

پائالىيەتتە يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىزغىنچىلىقلىرى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى  قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇلغان.

بۇ خەۋەر 5613 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2019 18:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق