فىرانسيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


25-مارت فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 25-مارت فىرانسىيەگە بارغان بولۇپ، فىرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسم ئۇيغۇر، تىبەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش قىلغان. 
قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە خىتايغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «شى جىنپىڭ دىكتاتور، شى جىنپىڭ تېررورىست، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. 

نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا تونۇتۇش ئۈچۈن لاگېرغا سەۋەبسىز قامالغان ئۆلىما، ئاكادېمىكلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ ھەيكىلىنى گېتلىرغا ئوخشىتىپ ياسىغان.

 

بۇ خەۋەر 1321 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2019 18:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق