لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ باھانىلىرى


19- ڧېۋرال share america تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئەئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن مېيىت ئۇزىتىشنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىشنىڭ باھانىسى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر تور بەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تىۋىتتىر سەھىپىسىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرغا تۇتقۇن قىلىشتا ئاساس قىلغان 10 خىل باھانىسىنى يوللىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستان خەلقىنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىشتىكى باھانىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەن: 
1. ساقال قويغان ۋە ياغلىق چەككەنلەر، 2. مەكتەپتە ئانا تىلىنى ئىشلەتكەنلەر 
3.تاماكا چىكىش ياكى ھاراق ئىچىشنى رەد قىلغۇچىلار 4.ئەرەپچە خېتى بار كىيىم كىيگەنلەر 5. ۋاتساپ ئىشلەتكەنلەر 6. يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تاكاللاشقانلار ياكى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلار 7. باشقا دۆلەتلەرگە ساياھەتكە چىققانلار 8.ئەنئەنىۋىي ئادە بويىچە مېيىت ئۇزاتقانلار 9. روزا تۇتقۇچىلار 10. مەسچىتكە كىرگۈچىلەر.

بۇ خەۋەر 23097 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2019 20:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق