خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېزلەتتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېزلەتتى

شىنخۇا تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توشۇلۇۋاتقان تۈرلۈك قېزىلما بايلىقلار ۋە ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ ماڭغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىدىن خىتايغا يۆتكەلگەن توك مىقدارى ئالدىنقى يېرىم يىلدا %16.76 ئاشقان بولۇپ، 29 مىليارد كىلوۋاتقا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن چىقىرىلغان توك %41 نى ئىگىلىگەن.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىۋېلىنغان نېفىت مىقدارى 14.35 مىليون توننىغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلىدىكىدىن 1.36 مىليون توننا ئېشىپ، ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. تارىم نېفىتلىكىدىن يىغىۋېلىنغان تەبىئىي گاز مىقدارىمۇ 231 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىگە يەتكۈزۈلگەن.
خەۋەردە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر زاپىسى خىتاينىڭ ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسىنىڭ %37نى ئىگىلىگەن. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىمۇ 30 مىليارد توننا دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ %25 نى ئىگىلىگەن. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش مىقدارىمۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

بۇ خەۋەر 1183 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2019 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق