دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

5-ئىيۇل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» خاتىرىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتتە ئوخشىمىغان كۆلەمدە ۋە ئوخشىمىغان تەرىقىدە «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇندىن باشقا تۈركىيەنىڭ ئسىتانبۇل، قەيسەرىي ، ئەنقەرە شەھەرلىرى، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 20 نەچچە شەھەردە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ئوخشىمىغان كۆلەمدە خاتىرىلىنىپ، نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مىڭلىغان ئۇيغۇر، تۈرك ۋە يەرلىك خەلقلەر يىغىلىپ، كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەن.
نامايىشتا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى»غا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەنمۇ، جازا لاگېرلىرىدا قىيناپ ئۆلتۈرۈش بىلەنمۇ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈش يولىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك ۋەھشىي سىياسەتلىرى بىلەنمۇ ھەرگىز يوقىتالمايدىغانلىقىنى، ھەقنىڭ ئۇيغۇرلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، ھەقنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 1572 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2019 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق