زىمىستان تورى: خىتاي دائىرىلىرى تۆت ئاي ئىچىدە 45 مۇخبىرنى تۇتقۇن قىلدى

زىمىستان تورى: خىتاي دائىرىلىرى تۆت ئاي ئىچىدە 45 مۇخبىرنى تۇتقۇن قىلدى

يېڭى تاڭلىقلار تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 45 مۇخبىرنى تۇتقۇن قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، زىمىستان تورى بۇ ھەقتە ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، 2018-يىلى 8-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا زىمىستان تورىنىڭ 45 مۇخبىرى ۋە خەۋەر تەمىنلىگۈچىسى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى توپلىغانلىقى ۋە تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان. ئۇندىن باشقا 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىمۇ مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلىش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان مۇخبىرلار «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش»، «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئالاقىدار بولۇش» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 24 مۇخبىر ئەركىنلىككە چىققان بولۇپ، قالغان مۇخبىرلارنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئۇندىن باشقا بۇ 45 مۇخبىرنىڭ 22سى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان رايونلاردا قولغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، باش ئىشتابى فىرانسىيەگە جايلاشقان «چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى»نىڭ 18-ئاپرېل ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 2019-يىللىق خەۋەر ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي 180 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا 4-ئورۇنغا تىزىلغان.
ئۇندىن باشقا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە كۆپلىگەن چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ۋېزىسى ئىلتىماسى رەت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1673 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 14:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق