لاگېردا شېھىت قىلىنغان ئۆلىمالار (10)


ئۆز خەۋىرىمىز: قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان ئۆلىمالار ۋە مەسچىت-جامەلەردە ئىمام، خاتىپلىق قىلىۋاتقان، دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ئۆلىمالارنى، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئۆلىمالارنى «ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق» دېگەن باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرىغا سولىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
سۇلايمان توختى قارىھاجىم، 86 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال 9-كەنتى 4-مەھەللىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. سۇلايمان توختى قارىھاجىم ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، ھارماي-تالماي دىنىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغان، دىن ئۈچۈن مىننەتسىز خىزمەتلەرنى قىلغان. ئۇنىڭ قولىدا نۈرغۇنلىغان قارىيلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى يېتىشپ چىققان. 
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئۆلىمانى 2017-يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا «ئەسەبىي، تېررورچى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن لاگېرغا سولىغان ۋە بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۇغقانلىرى ئۇنىڭ لاگېردا شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. ئاللاھ سۇلايمان توختىقارىھاجىمنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن!

 

بۇ خەۋەر 1301 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2019 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق