ئامېرىكا ئالىي ئەمەلدارى: تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىنى قوللايمىز

ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى ئالىي ئەمەلدارى تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىنى بۇرمىلاش قىلمىشىغا بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ۋە تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي ئەمەلدارى مارك باكتېر لامبېرت 29-ئاپرېل ۋاشىنگتوندىكى بىر ئەقىل ئامبىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە 1971-يىلى ماقۇللانغان 2758-نومۇرلۇق قارارى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئاتالمىش «بىر پىرىنسىپى»نى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مارك لامبېرت 29-ئاپرېل ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان ئەقىل ئامبىرى گېرمانىيە مارشال فوندىدا «خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىنى بۇرمىلاش قىلمىشىنى ئاشكارىلاش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى»نى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى»نى قوللىغانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ۋە ئۇنى تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش، تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە باھانە قىلىشقا ئۇرۇنغان.

مارك لامبېرت خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى قارىشىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تۆت خىل كۆز قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك شەرھلىگەن:

بىرىنچى، 2758-نومۇرلۇق ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى «بىر خىتاي پىرىنسىپى»نى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، بۇ ئاتالغۇدا كۆرسىتىلگىنى خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىدۇر. ئىككىنچى، 2758-نومۇرلۇق قارار ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۈچىنچى، تەيۋەننىڭ ئاخىرقى سىياسىي ئورنى مەسىلىسىدە 2758-نومۇرلۇق قارار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى تەشكىل قىلمايدۇ. تۆتىنچى، 2758-نومۇرلۇق قارار تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى ۋە باشقا كۆپ تەرەپلىك ئەھمىيەتلىك مۇنبەرلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىمەيدۇ.

مارك لامبېرت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى»نىڭ پەقەت خىتاي رېجىمىنىڭ تەيۋەنگە تۇتقان مەيدانى ئىكەنلىكىنى، خىتاي 2758-نومۇرلۇق قارارنى ئەتەي «بىر خىتاي پىرىنسىپى» بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەقسىتى تەيۋەننىڭ رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي بولمىغان شېرىكلىرى ۋە شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1122 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2024 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق