شەرقىي تۈركىستان سىزنىڭ نېمىڭىز بولىدۇ؟
ئەھمەد دوغان ئىلبەي
شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز خىتاي جاھانگىرلىرىنىڭ قولىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خارلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە بولسا بىر قانچە خەلق تەشكىلاتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ئەھۋالغا قارىتا ھېچقانداق نارازىلىق يوق. شەرقىي تۈركىستاندا يۈرەكلەر قان يىغلىماقتا. ئەمما تۈركلۈكنىڭ تۈۋرۈكى، ئىسلامنىڭ خەلىپىسى، جاھان دۆلىتى دېيىلىدىغان تۈركىيەدە بولسا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن رەسمىي بىر تىل بىلەن ياكى ئەلچىلىك يولى بىلەن ئىككى ئېغىز گەپمۇ يوق، ھەتتا بىرەر قېتىم بولسىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش تەشكىللەنمىدى. بۇ ئەھۋال كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ. دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت شەرقىي تۈركىستانغا، يەنى مۇسۇلمانلارغا كەلگەندە گويا قۇلاقلىرى گاس.
شەرقىي تۈركىستان سىزنىڭ نېمىڭىز بولىدۇ؟
ئەڭ يامان بولغىنى نېمە بىلەمسىز؟ پىرېزىدېنتىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغاندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇمىيۈزلۈك قىرغىنچىلىق قىلىشتەك جىنايىتىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. بىز ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنتىمىزدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پۈتۈن دۇنيا ۋە پۈتۈن جاھانگىرلار ئاڭلايدىغان، بىلىدىغان مۇشۇنداق چوڭ بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئازراق بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق ۋە ئۈمىد قىلىناتتى.
تۈركىيەدە مەن ئىسلامچى (ھەقىقىي ئىسلامچى بولۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس) دەيدىغان خەلقتىن تارتىپ، ھەتتا «مەن تۈرك مىللەتچىسى» (تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭمۇ خاتالىرى بار، توغرىلىرىمۇ بار. خاتا تۈركچىلىك ئېقىمىدىكىلەرنىڭ زادى خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ) دەيدىغان سىياسىي پارتىيەلەردىن قۇرۇلغان ۋاقتىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىنى تولدۇرۇپ بىرەر قېتىم بولسىمۇ نامايىش تەشكىللىمىگەنلىكى كىشىگە بەكمۇ، ئەمما بەكمۇ ئېغىر كېلىدۇ. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا مەسچىتتىن يانغان جامائەت مۇنداق بىر قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىغان ھامان پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا مەسچىتتىن چىقىپ، بىرلا ۋاقىتتا ھەر خىل نامايىش ئۆتكۈزەتتى ۋە مەلۇم جايغىچە يۈرۈش قىلىپ، ئاخىرىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ھەممە بىرلىكتە قوللىرىنى ئېچىشىپ دۇئا قىلاتتى. يۈرەكلەرنى قان قىلغىدەك بىر سوئال: ئەمدى نېمىشقا مۇنداق بولمايدۇ؟
قېنى مەن مۇسۇلمان، مەن تۈرك دەيدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئەمدى نەدە قالدى؟
قېنى جەمئىيەتلەر، تەشكىلاتلار، ئەمدى نەدە قالدى؟
قېنى مەن مۇسۇلمان دەيدىغان خەلق، ئەمدى نەدە قالدى؟
ياكى بولمىسا بۇلارنىڭ ئۈستىگە مازارلىقنىڭ توپىسى چېچىۋېتىلدىمۇ؟
قېنى جامائەتلەر، مەدرىسە ئەھلى، ئەمدى نەدە قالدى؟
قېنى بىز ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت قىلىدىغان، دىن بىلەن دۆلىتىنىڭ، مال-مۈلكى بىلەن مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك، دەيدىغان ئۇلۇغلار، تەرىقەت پېشىۋالىرى ۋە تولىمۇ قىممەتلىك تەقۋادار كىشىلەر، ئەمدى نەدە قالدى؟
شەرقىي تۈركىستان دەيدىغان بىر زېمىن بار بىلەمسىز؟ يۈرەككە تەسىر قىلىدىغان بىر سوئال: شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز سىزنىڭ نېمىڭىز بولىدۇ؟ ئۇزاقلاردا، قۇياشنىڭ چىقىدىغان تەرىپىدە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ دۆلىتى ۋە ئامانىتى بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن، يەنى مۇسۇلمانلاردىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ بىلەمسىز؟ ئاڭلىغان يەرلىرىڭىز بارمۇ؟
خىتاي كاپىرلىرى ئۇ زېمىننى ئۆز تىلىدا «يېڭىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن زېمىن» دېگەن مەنادا «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدۇ. دېمەك، «شىنجاڭ» دېگەن تاجاۋۇزچى خىتاي تەرىپىدىن قويۇلغان بىر ئىسىم. سىزمۇ بىپەرۋالىقىڭىز سەۋەبلىك، «ماڭا زىيىنى يەتمىگەندىكىن...» دېگەندەك چۈشەنچىڭىز ۋە غەپلەتتە قالغانلىقىڭىز سەۋەبلىك بىلىپ-بىلمەي «شىنجاڭ» دەپ سالماڭ.
ئېغىر كەتسىمۇ سوراپ باقايلى، ھەممە ئىشنى پەقەت دۆلەتتىنلا كۈتۈش كېرەكمۇ؟ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى پەقەت دۆلەتلا قىلىشى كېرەكمۇ؟ «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانلىق قىرغىنچىلىقلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىڭ، چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنى، خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈڭ، بايانات ئېلان قىلىڭ...» دېيىشى كېرەكمۇ؟ سىزلەرنىڭ پىكرىڭىز، ئىرادىڭىز، تارىخىي چۈشەنچىڭىز، مىللىي غۇرۇرىڭىز ۋە يۈرىكىڭىز يوقمۇ؟
بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە ئەڭ قىممەتلىك يول پەقەتلا، مەنسەپ ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولغان مۆمىنلىك، ئالىملىق، ئىماملىق ۋە زىكىر ئېيتىش قاتارلىقلاردىنلا ئىبارەتمۇ؟ گويا تۇرغۇن سۇدەك تۇرۇۋالماي، يۇقىرىقى ئەمەللەر بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاڭلىتىش، مەسچىت ۋە ھەرخىل جامائەت سورۇنلىرىدا تەبلىغ قىلىش ۋە جامائەت پىكىرى توپلاپ، خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك ئەمەسمۇ؟ مۇسۇلمانلىق دېگەن زىكىر ئېيتىپ، ئارقىدىن تاتلىق-تۈرۈم يەپ، خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلاشتىن ئىبارەتمۇ؟ تارىخ چۈشەنچىسىگە ئىگە، ۋىجدانلىق ۋە كۈچلۈك مىللىي غۇرۇرى بولغان بۇرۇنقىدەك مۇسۇلمانلار، يەنى تۈركلەر ئەمدى نەدە؟
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەم سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ھەم قېرىندىشىمىز ئەمەسمۇ؟
ئەپسۇس، بەكمۇ ئەپسۇس! مۇسۇلمان تۈرك دېگەن بۇنچىۋالا بىغەم، بۇنچىۋالا پەرۋاسىز بولمايدۇ.
دۇنيادىكى ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ھۆكمەت ئوقۇشۇپ، شېئىر يازىدىغان مىللىتى يوق مۇسۇلمانلار ئەمدى نەدە؟ پەلەستىنگە، ئالجىرىيەگە، مىسىرغا، ئاراكانغا، ئافغانىستانغا، سۇدانغا «ئۈممەت» تۇيغۇسى بىلەن مىسرالار يازىدىغان (ئەلۋەتتە يېزىلىشى كېرەك)، تۈركسىز ۋە تۈركىيەسىز ئىسلامچى شائىرلار، يازغۇچىلار شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نېمىشقا يازمايدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇلاردىنمۇ بەكرەك مۇسۇلمان، ھەتتا قېرىندىشى ئەمەسمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىنسان ئەمەسمۇ؟