ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش تۈرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

كانادا ئىقنا ياردەم جەمئىيىتىنىڭ تەمىنلىشى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىروگراممىسى»نىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى تاماملاش ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش باشلاش مۇراسىمى 13-ماي ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىش باشلاشتىن بۇرۇن ۋەقفى مەسئۇللىرى 2023-يىلى تۈركىيەدە يولدىشى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئائىلىسىنى بېقىش مەسئۇلىيىتى ئۈستىگە يۈكلەنگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئىشچان ۋە قەيسەر ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن 20 نى تاللىغان ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان كەسىپلەردە تەربىيەلىگەن. بۇ جەرياندا سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى ئۇلارنىڭ ئۆي ئىجارىسى ۋە كۇرس ھەقلىرى دېگەندەك چىقىملىرىنى تەمىنلىگەندىن باشقا، ئىش باشلاش ئۈچۈن ھەر خىل كەسىپكە لايىق سايمانلار تەخلەپ بەرگەن.

ئاللىبۇرۇن تاماملانغان ۋە تولۇقلىغان كەسىپلەر ئىچىدە تىككۈچىلىك، كىيىم لايىھەلەش، گىرافىك لايىھەلەش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، بوغالتىرلىق، تەرجىمانلىق، يەسلى مائارىپى، بىناكارلىق، ئۆي ئەسلىھەلىرىنى بېزەش، تەبىئىي داۋالاش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەنگەن. مەزكۇر تۈر بويىچە 20 خانىم-قىز تەربىيەلەنگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىسى نۆل سەۋىيەدىن باشلىغانلار بولۇپ، ئىلگىرى مەلۇم ساھەدە رەسمىي تەربىيەلەنمىگەنلىكى سەۋەبلىك تولۇقلاش كۇرسلىرىغا قوبۇل قىلىنغان.

مۇراسىمدا تەربىيەلەپ چىقىلغان بۇ خانىم-قىزلار تەبرىكلەندى ۋە باشقا خانىم-قىزلارغىمۇ بۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، مەيلى قانداق يەردە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلسۇن، ئاكتىپ قاتنىشىپ كەسىپ ئىگىسى بولۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى ھەل قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2298 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2024 17:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق