خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەپتىشى ئىسرائىلىيە ۋە ھاماس رەھبەرلىرىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى كەرىم خان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئۇرۇش جىنايىتى سەۋەبلىك، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياھۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گالانت ۋە ھاماس رەھبىرى يەھيا سىنۋار ۋە باشقا ئۈچ كىشىگە قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش توغرۇلۇق مەھكىمىنىڭ سوتچىسىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى  ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى كەرىم خان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززدە پۇقرالارنى قەستەن ئۆلتۈرۈش، پۇقرالارغا قەستەن ھۇجۇم قىلىش ۋە قەستەن ئاچارچىلىقتا قويۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش تەمىناتىنى رەت قىلىش، توقۇنۇشتا پۇقرالارنى قەستەن نىشانلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ھاماس رەھبەرلىرىنى بولسا كەڭ كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.

نېتانياھۇ تۇتۇش بۇيرۇقىغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلقئارا سوت تەپتىشىنىڭ ئىسرائىلىيەدەك دېموكراتىك دۆلەت بىلەن كەڭ كۆلەملىك قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ھاماسنى بىر قاتاردا قويۇشىنى رەت قىلىمەن» دېگەن.

ھاماسمۇ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى رەھبىرىگە قارشى چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەيىبلەپ: «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن جاللاتنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇندى» دېگەن.

ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى جوسېپ بورېل بۇ ھەقتە توختىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بۇ قارارىغا دىققەت قىلغانلىقىنى، مۇستەقىل خەلقئارالىق ئورگان بولغان خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىسىنىڭ ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەرنى ئەيىبلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا سوت جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر 3-ئايدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇنى ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1444 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2024 13:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق