خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ ئالدىنقى ھەپتە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە تەكشۈرگەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئورگان تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ 18-مارتتىن 20-مارتقىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىگە بارغان ۋە بۇ جەرياندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى تەكىتلىگەن. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، لى خۇڭجۇڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، قىزىلسۇ، قەشقەرگە بېرىپ، بىر قىسىم شىركەتلەرنى، تىجارەتچىلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇ يەنە يەنە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خىتاي تىل-يېزىقى مائارىپىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ئاتالمىش «دىنىي زاتلار» بىلەن كۆرۈشكەن.

لى خۇڭجۇڭ ئۈرۈمچىدە يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئاساسىي شوئارلىرىدىن بولغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىش»، «مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك ناملار ئاستىدا خىتاي مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى مەجبۇرىي تاڭماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش، يوقىتىش پىلانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا.

خىتاي رېجىمى خەلقئارانىڭ تەنقىدى ۋە بېسىملىرىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختاتماي ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خىتايلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئىشغالىيەت تارىخىنى پەردازلاش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە. خىتاي بۇ پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بۇرمىلانغان تۈرلۈك مۇزېيلارنى، تەتقىقات ئورۇنلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3256 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2024 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق