خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى چىقىرىش ھەققىدە قارار چىقىرىپ، خەلقئارانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كېيىن، يەنە تەيۋەنگىمۇ قايتىدىن تەھدىت سالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 29-ماي ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 15 يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا تەيۋەننى قايتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ئەزەلدىن ۋاز كېچىپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا ئەمەلدارى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ھەربىي قىسمىنىڭ تۈرلۈك توقۇنۇشلارغا تەييارلىقى بارلىقىنى، ئەگەر شى جىنپىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرسە، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.