تەيۋەننى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتۇرۇش چاقىرىقى قوللاشقا ئېرىشمەكتە

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنى كېيىنكى ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ تەيۋەننى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر چاقىرىققا ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، كانادا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاۋاز قوشقان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بۇ ھەقتە ئاغزاكى نوتا تاپشۇرغان.
ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، باش كاتىپ تېدروسنىڭ بۇ ھەقتە ئايرىم قارار چىقىرالمايدىغانلىقىنى، پەقەت تەشكىلاتقا ئەزا 194 دۆلەتنىڭلا بۇ ھەقتە قارار چىقىرىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يېڭى زېلاندىيەنىڭ تەيۋەننى قوللىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ «بىرلا خىتاي» پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتتە بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە يەنە تەيۋەننىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىقنى دەۋا قىلماقچى بولغانلىقىنى، سىياسىي ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 346 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2020 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق