تەيۋەندىكى سايلام نەتىجىسى خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى

بۈگۈن (11-يانۋار) ئۆتكۈزۈلگەن تەيۋەندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان بولۇپ، سەي يىڭۋېن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان.

بۇ قېتىملىق سايلامغا جەمئىي 19 مىليوندىن ئارتۇق پۇقرا بېلەت تاشلىغان بولۇپ، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى نامزاتى سەي يىڭۋېن %57.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ، زور پەرق بىلەن رىقابەتچىلىرىنى ئۇتۇپ چىققان.

سەي يىڭۋېن ھازىرغىچە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەيۋەندە قىزىل تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، جاسۇس ئەۋەتىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سەي يىڭۋېن ھەققىدە تۈرلۈك بوھتانلارنى تارقىتىش قاتارلىق ھىيلە-نەيرەڭلارنى ئىشلەتكەن. ئەمما خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى سىياسەتلىرىنى، شۇنداقلا تەيۋەندىكى مۇداخىلە ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ يەتكەن تەيۋەن خەلقىنىڭ سەي يىڭۋېننى قوللاش نىسبىتى تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەن.

سايلام نەتىجىسى مۇقىملىشىپ بولغاندىن كېيىن خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن تىۋىتتېردا تەھدىت ئارىلاش ئىپادە بىلدۈرۈپ، گەرچە سەي يىڭۋېن ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسى غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن كەسكىن سىياسەتلەر بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ چىشىغا تەگمەسلىكى كېرەكلىكنى، ئۇلارنىڭ سايلامدا يېڭىپ چىققىنى خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەس، بەلكى گومىنداڭ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

سايلام نەتىجىسى خەلقئارادىكى كۆپلىگەن دۆلەت ۋە خەلقلەرنى خۇشال قىلغان بولۇپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك يولىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلىغان.

 

بۇ خەۋەر 583 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2020 19:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق