تەيۋەن خىتاينىڭ يالغان خەۋەرلەر ئارقىلىق سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ كۈنسېرى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان. تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ تەيۋەندىكى پىكىر ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ، يالغان ئۇچۇر-خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

ھازىرقى پىرېزىدېنت نامزاتى سەي يىڭۋېن خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى كەسكىن رەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تەھدىت ۋە تەشۋىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق تەيۋەن خەلقىگە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، بۇ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ سەي يىڭۋېننى قوللاش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەن.

بۇنى تونۇپ يەتكەن خىتاي تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ساختا ھېساباتلار ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە يالغان ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىغان. مەسىلەن: يېقىندا يۇتيۇبتا سەي يىڭۋېنغا ھەرخىل تۆھمەتلەرنى چاپلاپ سىن يوللىغان بىر خىتاينىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى بىر خىتاي خادىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ئۇنىڭدىن باشقا خوڭكوڭ نامايىشىغا، تەيۋەندىكى سايلامنىڭ ئادىللىقىغا ئالاقىدار تۈرلۈك تۆھمەت يازمىلار كۆپلەپ تارقىتىلغان. بۇنى تونۇپ يەتكەن تەيۋەن دائىرىلىرى يالغان ئۇچۇر تارقىتىشقا قارىتا قانۇن-نىزاملارنى كۈچەيتكەن بولۇپ، فېيسبۇك، گۇگېل قاتارلىق تور ئالاقە شىركەتلىرىمۇ ئۆز سۇپىلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 524 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 05:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق