خىتاي تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتمەكتە

 

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار خەلقئارا ئىشلار ئىجرائىيە باشلىقى لەي مىڭچى خىتاي تەرەپنىڭ تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا (NGO) قاتنىشىشغا قارىتا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە تەيۋەن بىلەن خىتاي تەڭلا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىق سالاھىيتىگە ئېرىشسە، خىتاينىڭ سايلام رىقابىتى ئارقىلىق تەيۋەننىڭ نامىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى، ئەگەر تەيۋەنلا ئەزا بولغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بولسا، خىتاينىڭ ئەزا بولۇپ كىرىش ئۈچۈن تەيۋەننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالىدىغانلىقىنى، بۇندىن باشقا خىتاي ب د ت، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەننىڭ نامىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئوۋ جياڭئەن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، تەيۋەننىڭ ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئورتاق كۆز قاراشتىكى  دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارالىق تەرتىپ ۋە دېموكراتىك تۈزۈلمىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 537 قېتىم كۆرۈلدى
29/12/2019 09:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق