تەيۋەن خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئاشكارىلىدى

 

11-دېكابىر ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې (吴钊燮) بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي نامايىشلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن زوراۋانلىق كۈچى ئىشلەتكەن تەقدىردە، رايوندىن قېچىپ چىققان نامايىشچىلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋۇ جاۋشيې باياناتتا تەيۋەن تەرەپنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش نىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن قانۇنىنىڭ خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا ۋە تەيۋەندە ياشاشنى خالايدىغانلارغا كېرەكلىك قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ ھەتتا ژۇرنالىستلارغىمۇ زوراۋانلىق كۈچى ئىشلەتكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي نامايىشلاردا باستۇرۇشنى ۋە قاتتىق قوللۇقنى كۈچەيتسە، تەيۋەننىڭ خوڭكوڭدىن چىقىپ كېتىشنى خالايدىغانلارغا نىسبەتەن مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە تەيۋەننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، خوڭكوڭنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا يەنە «كىشىلەر خىتاينىڭ خوڭكوڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراپ، كەلگۈسىدە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. خوڭكوڭدىكى ۋەقەلەر تەيۋەن خەلقى تەرىپىدىن ئانچە قارشى ئېلىنمايدۇ» دېگەنلەر بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىر راي سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تەخمىنەن %80 خەلق خىتاي بىلەن بىرلىشىش پىكىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 576 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2019 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق