تەتقىقات نەتىجىسى: چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق

ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش مەھسۇلاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ھازىرغىچە مەۋجۇت ئىكەن.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى 7-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بۇلتۇر ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى پارچە ساتقۇچى شىركەتلەر ساتقان مەھسۇلاتلارنىڭ %19 ىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەۋجۇت ئىكەن. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە ئۈنۈمى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكىنىڭ «يەر قاتلىمى سۇ ئامبىرى» (Stratum Reservoir) ۋە «قوللىنىشچان DNA ئىلمى» شىركەتلىرى تەرىپىدىن 7-ماي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەتقىقاتتا ئىزوتوپلۇق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، زىرائەتلەردىكى كاربون، ھىدروگېن قاتارلىق ئېلېمېنتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا ئاساسەن مەنبەسى تەكشۈرۈلگەن. نەتىجىدە مەھسۇلاتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىك ۋە رايون نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئايدىڭلاشقان.

تەتقىقاتتا چوڭ تىپتىكى پارچە ساتقۇچىلار ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا بۇلتۇر 2-ئايدىن بۇ يىل 3-ئايغىچە سېتىلغان كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ ئەۋرىشكىسى ئانالىز قىلىنغان. نەتىجىدە سىناق قىلىنغان 822 خىل مەھسۇلاتنىڭ %19 ىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى %57 ىگە «پەقەت ئامېرىكىنىڭ ماتېرىيالى ئىشلىتىلدى» دەپ خەتكۈچ چاپلانغان. بۇ تەتقىقاتتا سىناققا قاتناشتۇرۇلغان پارچە ساتقۇچى شىركەتلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1755 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2024 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق