ئامېرىكا فىلىپپىن بىلەن خىتايغا قارشى كېلىشىم تۈزدى

 

ئامېرىكا فىلىپپىن بىلەن خىتايغا قارشى كېلىشىم تۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ 20-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمنامىسىنىڭ بارلىق تىنچ ئوكيان رايونىنى، جۈملىدىن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مارك ئېسپېر سەيشەنبە فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىناسىدا مىنىستىر لورېنزانا بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە 1951-يىلى تۈزۈلگەن ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمنامىسىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تىنچ ئوكيان رايونىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كېلىشىمنامىگە ئاساسەن ئەگەر فىلىپپىن قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئامېرىكا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىكەن. ئەمما فىلىپپىن تەرەپ بۇ كېلىشىمنامىگە ئاساسەن فىلىپپىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەربىي ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار-يوقلۇقىنىڭ ئېنىق بىلدۈرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن، شۇنداقلا ئالدىنقى يىلى ئامېرىكىنى بۇ كېلىشىمنامىگە قايتا قاراپ چىقىشقا چاقىرغان.
مارك ئېسپېر سەيشەنبىدىكى ئۇچرىشىشتا فىلىپپىن تەرەپنىڭ بۇ كېلىشىمنامىگە قايتا قاراپ چىقىش تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2018-يىلى يېڭى دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىت ۋە خىرىسلارغا ئېتىبار بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1368 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2019 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق