ئامېرىكا دۇۋېىينى تەكشۈرۈشكە باشلىغان

ئامېرىكا دۇۋېىينى تەكشۈرۈشكە باشلىغان
ئامېرىكا ئاۋازى تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دوۋيىن ئەپ دېتالىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتى ھەققىدە تەكشۈرۈشنى باشلىغان
خەۋەردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا چەتئەل مەبلىغى كومىتېتى (Committee on Foreign Investment in the United States) دوۋيىننىڭ باش شىركىتى بولغان بېيجىڭ زىجې تياۋدۇڭ شىركىتىنىڭ (北京字节跳动公司) 2017-يىلى «Musical.ly» دېگەن ئەپنى قوشۇۋېلىشىغا ئائىت تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى،
بىر قانچە نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دوۋيىننىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىشى ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى چەكلىشىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ماركو روبىيو بېيجىڭنىڭ دوۋيىندىن پايدىلىنىپ جاسۇسلۇق قىلىشىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولىشىچە، بېيجىڭ زىجې تياۋدۇڭ شىركىتى «Musical.ly»نى سېتىۋالىپ، دوۋيىننىڭ خەلقئارا نۇسخىىسى تىك توك (TikTok) بىلەن بىرلەشتۈرگەن.

بۇ خەۋەر 476 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2019 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق