قىزغىزىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى

قىزغىزىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 24-ئۆكتەبىر قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومىدا بىر ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن.
32 ياشلىق ھۈسەن كېرىم 23-ئۆكتەبىر كەچتە ئۆيىدىن چىقىپ كەتكىنىچە يوقاپ كەتكەن. ئەتىسى ئۇنىڭ ماناس ئايرودرومى تەرەپكە كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئائىلىسى بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ساقچى ئىدارىسغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن ماناس ئايرودرومىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئۇنىڭ فورد ماركىلىق ماشىنىسىنى تاپقان ۋە ھۈسەن كېرىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سېلىپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھۈسەن كېرىم قىرغىزىستاننىڭ سوقۇلۇق رايونى كامسومۇل كوچىسىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلىگەن. كېيىن كىراكەشلىك قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھۈسەن كېرىم زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ئىلگىرى يېنىدا باشقىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان 10 مىڭ دوللار پۇل بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1844 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2019 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق