خوتەندىكى گۈجەن دەرۋازا مەسچىتىنىڭ چېقىۋىتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خوتەندىكى گۈجەن دەرۋازا مەسچىتىنىڭ چېقىۋىتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

24- ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خوتەن شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقلان گۈجەن دەرۋازا مەسچىتىنى چېقىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

گۇجەن دەرۋازا مەسچىتى غەرب تەرىپى خۇتەن شەھىرىنىڭ مەركىزى گۇلباغقا، شىمال تەرىپى چوڭقۇر (چۇقۇ) بازارغا، جەنۇبى گۇجەنباغقا، شەرقى كوئىنلۇن باغىچىغا تۇتىىشىغان مۇھىم تۆت يول ئېغىزىغا جايلاشقان چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۇمە كۈنلىرى ئادەم سىغماي مەسچىت سىرتىغا چىقىپ  كېتدىغان، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا خۇپتەن نامىزىدىمۇ ئادەم سىغىشماي قالدىغان جامائىتى كۆپ ، ئەڭ ئاۋات مەسچىتلەرنىڭ بىرى.

سىن كۆرۈنۈشلەردىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەسىچىتىنى چېقىپ تۈزلەپ ئورىنىغا گۈللۈك ياساپ، گۇللۈك ئوتتۇرىسىغا خىتاي كوممونسىتلىرىنىڭ بايرىقىنى قاداپ قويغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

كۈزەتكۈچىلەر: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ئورنى مەسچىتىنى  چېقىپ ئورنىغا خىتاي كوممونىستلىرىنىڭ بايرىقىنى تىكلەپ قويۇش قىلىمىشى بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركستان خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىلەكلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىسلام دىنغان قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسخىرە قىلىش ۋە  دوشمەنلىك سىياسىتىنىڭ ئۇچچىغا چىققانلىقىنىڭ ئەمەلى ئسىپاتى دېيىشمەكتە.

 

https://www.facebook.com/udun.udun.7927/videos/555541168584518/
بۇ خەۋەر 1415 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق