خىتاينىڭ تىك توك ئەپ دېتالىنىڭ يەنە بىر سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ تىك توك ئەپ دېتالىنىڭ يەنە بىر سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ داڭلىق ئەپ دېتالى بولغان تىك توك (دوۋيىن)تا دائىشنىڭ تەشۋىقات فىلىمى بايقالغان.
شىركەت تەرەپ دەرھال بۇ ھەقتە تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك سىنلارنى ۋە ھېساباتلارنى تېز سۈرئەتتە يۇيۇۋەتكەنلىكىنى، مەزكۇر سىنلارنىڭ كۆپ تارقالمىغانلىقىنى، تېررورلۇققا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ ئەزەلدىن چەكلىنىش دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ تىك توك ئەپ دېتالىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سەتچىلىكى ئەمەس بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا شەھۋانىي مەزمۇنلار بايقالغانلىقى سەۋەبلىك، ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق چەكلەش جازاسىغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىك توكنى ئۆسمۈرلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىش بىلەن ئەيىبلەپ، زور سوممىلىق جەرىمانە قويغان. بېنگالدىمۇ بۇ دېتال چەكلەنگەن.
گەرچە تىك توك تەرەپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دېتالنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ھەرساھە زاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

بۇ خەۋەر 700 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق