خىتاي خاككېرلىرى يېڭى دېتالنى ياساپ چىقتى

خىتاي خاككېرلىرى يېڭى دېتالنى ياساپ چىقتى
22-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ يېڭىدىن يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىققانلىقى ئاشكارىلانغان.
دۇنياغا داڭلىق كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بىخەتەرلىك شىركىتى (ESET) تەتقىقاتچىسىنىڭ بايقىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى يېڭى تىپتىكى بىر خىل يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ دېتال يۇمشاق دېتال شىركىتى ((SQL Server (MSSQL) نىڭ سانلىق ئامبىرىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئارقا سۇپا ئىشىكى پەيدا قىلىپ، خاككېرلارنى ئالاھىدە مەخپىي نومۇرلار ئارقىلىق ھەر قانداق ھېساباتلارغا ئۇلاپ بېرىدىكەن.
ئامېرىكا تور تېخنىكا خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خاككېرلار ئالاھىدە مەخپىي نومۇرنى ئىشقا سالغاندا ئارقا سۇپا ئىشىكى خاككېرلارنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى يوشۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بايقاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن خاككېرلار ئوغرىلىقچە يانفون ياكى كومپيۇتېرى ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى كۆپەيتىپ ئېلىۋالىدىكەن ياكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدىكەن. مەزكۇر يوچۇق «skip-2.0 ESET»دەپ ئاتىلىدىكەن.
ESET شىركىتى خادىملىرى «Winnti Group» ھەرىكىتىنىڭ ئىزىگە چۈشۈش ئارقىلىق بۇ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىققان خاككېرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

بۇ خەۋەر 436 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق