شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى قۇرۇلدى

شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى قۇرۇلدى
18-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى ئىستانبۇلدا رەسمىي قۇرۇلدى.
شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ماھىرە مەھمەت خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەسلىھەت يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا جەمئىيەت يېتەكچىلىرى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئەزالىرى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باشقا جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
بۇ جەمئىيەت تۈركىيە ۋە تۈركىيە سىرتىدىكى قانۇن، سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسىپلىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياكى شۇ كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ياشلاردىن تەشكىللەندى.
مەسلىھەت يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىملار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەقفى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1681 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2019 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق