جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى پائالىيىتىگە تەكلىپ

جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى پائالىيىتىگە تەكلىپ

-1933يىلى ۋە 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قان ۋە جانلىرى بەدىلىگە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 86 يىللىقى ۋە 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە  ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى، دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت قاتارلىق رەھبەر ۋە تەتقىقاتچىلار خەلقىمىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم تېمىلاردا كېلسىيە سۆزلەيدۇ.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىنايىتى چېكىگە يەتكەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تولۇق يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە مەزكۇر پائالىيىتىمىز خىتايغا باش ئەگمەس ئىرادىمىزنىڭ سىگنالى بولۇپ قالغۇسى. بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پائالىيەتكە ئائىلە بويىچە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

ۋاقتى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 18:30دىن 22 گىچە (سەيشەنبە)

ئورنى: زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر سەنئەت مەركىزى

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1012 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2019 18:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق