خىتاي تۈركىيەنى ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشقا چاقىردى

خىتاي تۈركىيەنى توغرا يولغا قايتىشقا چاقىردى

سىپاتنىك خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىكى تېررورچىلارنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىشقا چاقىرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىكى باياناتچىسى گېڭشۇاڭ بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنى سۇرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىپ، «توغرا يول»غا قايتىشقا چاقىرىق قىلغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىلگىرى سۇرىيەدىكى پ ك ك، پ ي د تېررورچىلىرى بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم تۈركىيە قوزغىغان «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىدە تېررورچىلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېررورچىلار بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەگە قارشى تېررورچىلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 613 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2019 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق