خىتايغا يۈرگۈزۈلىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى توڭلىتىلدى

خىتايغا يۈرگۈزۈلىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى توڭلىتىلدى
13-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تېخنىكا مەھسۇلاتلاردىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن يىللىق 250 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى %25 تىن %30 كە چىقىرىش نىشان قىلىنغان پىلانىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكىدىن يىلىغا 40-50 مىليارد دوللارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى، پېرېۋوت نىسبىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز پىلانىدىن ۋاز كېچىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىم 15-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىش پىلانلانغان 160 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن.

بۇ خەۋەر 582 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2019 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق