تۈمياد جەمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولدى

تۈمياد جەمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولدى

12- ئۆكتەبىر تۈرك مىللىتىگە ياردەم جەمئىتى ئسىتانبۇل ترامۋاي بېكەتلىرىدىكى خىتايچە خەتلەرنىڭ ئورنىغا« شەرقىي تۈركسىتان خەلقى يالغۈز ئەمەس» دېگەن شۇئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى چاپىلىدى.

ئالدىنقى ھەپتە ئستانبۇلنىڭ بىر قىسىم ترامۋاي بېكەت ئسىملىرىنىڭ خىتايچە يېزىلىشى بىر پەس غۇلغۇلا قوغاپ بەس- مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى.

تۈرك مىللىتىگە ياردەم جەمئىيتى ئسىتانبۇلنىڭ جېۋىزلىباغ ترامۋاي بېكىتىگە يېزىلغان

خىتايچە بېكەت ئسىملىرىنىڭ ئورنىغا « تۈركلەر ھامان بىر كۈنى سەددىچىن سېلىنىڭ يېنىدا توپلانغۇسى» دېگەن شۇئارنى، چاپا ترامۋاي بېكىتىگە « شەرقىي تۈركسىتان يالغۈز ئەمەس»،« خىتايلارنىڭ خىتاي تىلى  جاھانگېرلىك ئىدىيىسىنى مەڭگۇ قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن شۇئارلارنى يېزىپ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركستان داۋاسىدا يالغۇز ئەمەسلىكىنى، خىتايلارنىڭ جاھانگېرلىك ئىدىيەسىگە قارشى شەرقىي تۈركستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 678 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2019 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق