خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى خوڭكوڭ مۇستەقىللىق پىلاكاتىنى كۆتۈردى

خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى خوڭكوڭ مۇستەقىللىق پىلاكاتىنى كۆتۈردى

10-ئۆكتەبىر خوڭكوڭ ئەركىنلىك گېزىتى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ خەلقى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنىڭ نىقاب تاقىشىنى چەكلەپ قانۇن چىقارغانلىقىغا قارىماي، بىردەك نىقاب تاقاپ، مۇستەقىللىق پىلاكاتىنى كۆتۈرگەن.
خەۋەردە ئۆتكەن يىلى قاماققا ئېلىنغان، لېكىن ئالىي سوتقا ئەرز قىلغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن قايتىدىن سوت قىلىنماقچى بولغان خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە سوت ئېچىۋاتقان خوڭكوڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئالدىدا نىقابلىق نامايىشچىلار نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى، 2016-يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق نامايىشتا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئالدىنقى يىلى ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ئېدۋارد لېيۇڭ ئىسىملىك پائالىيەتچىنىڭ سوتى جەريانىدا نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شوئارلانى توۋلاش بىلەن بىرگە، لېيۇڭنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا قاتتىق نازارىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بەزى نامايىشچىلار خوڭكوڭنىڭ خىتايدىن مۇستەقىل بولۇش تەرەپدارلىرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن چوڭ پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن.
باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نامايىش جەريانىدا بەزى مېترو بېكەتلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچراش سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن توختىتىلغان. كىسىن توڭ مەركىزى بېكىتى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، خىزمەتتىن توختىتىلغان. نامايىشچىلار بەزى مېترو بېكەتلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوت قويۇپ بەرگەن، مېترو بېكەتلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى ۋە ئېلان تاختىلىرىنى چېقىپ، بېلەت ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇۋەتكەن. نامايىشچىلار يەنە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى قومۇرۇپ تاشلىغان.

بۇ خەۋەر 690 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2019 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق