ياپونىيەنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتاي ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسىتىلدى

ياپونىيەنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتاي ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسىتىلدى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە 26-سېنتەبىر يىللىق مۇداپىئە ئىشلىرى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
گەرچە چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىرى توختىماي ئېتىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي چاۋشيەننىڭ ئالدىغا تىزىلىپ، ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئارقىسىغا چاۋشيەن ۋە رۇسىيە تىزىلغان.
ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى تارو كونو بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى ۋە ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كۆپ قېتىم بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، شۇڭا ياپونىيەنىڭ بۇنىڭغا ئەستايىدىل قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ۋە چاۋشيەننىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيەنىڭ ئالدىنقى يەتتە يىل ئىچىدىكى ھەربىي خىراجىتى %10 ئاشقان. خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىدىن ھالقىپ كېتىش ئۈچۈن ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ كۆرۈنمەس ئايروپىلانلىرىنى ۋە باشقا ئىلغار قورال-ياراغلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان.
خىتاينىڭ 2018-يىللىق ھەربىي خىراجىتى %7.5 ئاشقان بولۇپ، 177 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ ياپونىيەنىڭ ھەربىي خىراجىتىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەن. ئەمما خىتاي ئىزچىل ھالدا ھەربىي مەقسەتلىرىنى ئىنكار، پەقەت تىنچ تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن.
ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە خىتاينىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چارلاش ھەرىكەتلىرى «دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى» دەپ سۈپەتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 561 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2019 18:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق