ترامپ: خىتاي بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىز مۇمكىن

ترامپ: خىتاي بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىز مۇمكىن

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 25-سېنتەبىر ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي بىلەن تېز سۈرئەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنلىكى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقىلى 15 ئاي بولغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ جەرياندا ئون نەچچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

تىرامپ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى خىتايدىكى ئىش ئورۇنلىرى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ، تەمىنات زەنجىرى تۈگىشەي دەپ قالدى. چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېتىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ئىككى تەرەپنىڭ تېز سۈرئەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنلىكىنى، ۋاقتىنىڭ باشقىلار ئويلىغاندىنمۇ بالدۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ب د ت يىغىنىدا خىتاينى قاتتىق تەنقىدلەپ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ھاسىل قىلغان ناچار نەتىجىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 

بۇ خەۋەر 608 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2019 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق