خىتايغا قارشى نامايىشقا تەكلىپ

خىتايغا قارشى نامايىشقا تەكلىپ

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى كۈنىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تەكلىپ قىلىمىز.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغانلىقىغا 70 يىل بولغان ماتەم كۈنى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
خىتاي 70 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇندى. ئاتالمىش «پىلانلىق تۇغۇت» نامى بىلەن ئاز بولمىغان تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆپىيىشىگە قاتتىق چەكلىمە قويدى. خىتاي ئىشقا سالغان يۇمشاق ۋاسىتىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باش ئەگمەس روھى ئالدىدا كارغا كەلمىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەركىتىنى داۋام قىلدى. خىتاينىڭ ئويغانغان كىشىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرى كارغا كەلمەي، خىتايغا قارشى ئويغىنىش كۈچىيىپ كەتتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش يولىدا ئىشقا سالغان بارلىق يۇمشاق ۋاسىتىلىرىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئاشكارا قىرغىن قىلىشقا باشلىدى ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەلچىخانسى ئالدىدا نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئادرېسى: سارىيەر تارابىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى
ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1050 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2019 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق