شەرقى تۈركىستاننىڭ دەردىگە دەرمان بولايلى

شەرقى تۈركىستاننىڭ دەردىگە دەرمان بولايلى

(تەرجىمە ئەسەر)

    2019-9- ئاينىڭ 15- كۈنى

    كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندىن ئىنتايىن ۋەھىمىلىك خەۋەرلەر كەلمەكتە. يىغىپ تەربىيلەش لاگېرلىرى، سۈرگۈن قىلىشلار، قىيىن-قىستاقلار، ئېغىر جازالار، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشلار، ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشلىرى، چەتكە قېقىش، كىشىلىك غۇرۇرىنى، ھۆرمىتىنى، قەدىر- قىممىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشلار...

    بۇ دۆلەتتىن كەلگەن خەۋەرلەر خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقى ياكى يالغانغا چىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىر تەرەپتىن قالايمىقان، مۇناسىۋەتسىز، يالغان خەۋەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. يېغىپ ئېيتقاندا، شەرقى تۈركىستاندىن ئىشەنچلىك خەۋەر ئالالمايۋاتىمىز.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى سەنئەتچىسى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز بەكمۇ يېرىم بولغان ئىدى، ئەمما بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن خوش بولدۇق. ئەمدىلىكتە شەرقى تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېت باشلىقى تاشپولات تىيىپ ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق؛ بىز ئەمدى بۇ خەۋەرنىڭمۇ خاتا بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    خىتاي دائىرلىرى نېفىت، تەبى گاز، ئوران، ئالتۇن، مىس ۋە پاختا قاتارلىق كان بايلىقلىرىغا ئىگە بولغان بۇ دۆلەتتىن، بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ۋاستىلەرنى قوللانماقتا. خىتاي بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى، بۇ كەڭرى زېمىن قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى. خىتاي قىيىن- قىستاقلار، زۇلۇم، ياشاش ۋە ئىشلەش ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىق ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان  ۋەھشىلىكلەرنى ئۇيغۇرلارغا راۋا كۆرۈۋاتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىز بىلىدىغان ھەقىقەت پەقەت بۇلاردىن ئىبارەت بولماقتا.

   شەرقى تۈركىستان تۈركلەرنىڭ يەنى بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزدۇر. بۇ ھۇن، كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەن بىر زېمىندۇر. 18-ئەسىرگە قەدەر تۈرك ۋە موڭغۇل دۆلەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بۇ زېمىن، 20- ئەسىردىن باشلاپ غەربتە رۇسىيە، شەرقتە بولسا خىتاينىڭ ئىشغالىغا ئۇچراشتەك تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

    19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ رۇسىيە غەربى تۈركىستاننى، خىتاي بولسا شەرقى

تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى.

    خىتاي شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن (1884- يىلىدىن باشلاپ) شىنجاڭ (يېڭى زېمىن) دەپ ئېسىم قويۇپ ئۆزىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋالدى. ئىككى چوڭ كۈچنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان شەرقى تۈركىستان گەرچە ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولسىمۇ يەنىلا مۇستەملىكىگە قارشى توختاۋسىز كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە؛ ئۇيغۇرلار 1933- يىلى ۋە 1944- يىلى قىسقا ئۆمۈرلۈك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ چىقتى. ئەمما تاشقى دۇنيادىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەر قېتىم دۆلەت قۇرغاندا يەنە خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.

    رۇسىيە گەرچە شەرقى تۈركىستانغا ياردەم قىلغاندەك قىلسىمۇ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تۈركلەرگە ئۆرنەك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم دۆلەت قۇرغان ۋاقتىدا ياردىمىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان 1949- يىلىدىن بۇيان داۋاملىق خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالدى. شەرقى تۈركىستان يەر مەيدانى 1،828.418 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئىنتايىن چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئاستى- ئۈستى بايلىققا تولغان بىر زېمىندۇر.

    خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا ۋەزىيەتنى ياخشى كۆزىتىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم

قىلىدىغان ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئانا ۋەتىنىدىن تامامەن قوغلاپ چىقىرىش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىش ۋە بىر پۈتۈن نەسلىنى قۇرۇتىۋېتىشقا ئوخشاش قارانىيەت بىلەن تۈزۈپ چىققان مەخپى پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

    خىتاي بۈگۈنكىدەك تەرەققى قىلغان دەۋىردە، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا تارىختا ھازىرغىچە پەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغان غايەت چوڭ يىغىپ تەربىيىلەش لاگىرلىرىنى سېلىپ چىقتى ۋە ھازىرمۇ داۋاملىق كېڭەيتىپ سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ زېمىننىڭ ھەقىقى خوجايىنلىرى بولۇپ، پەقەت تۈرك مىللىتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا زۇلۇم ئاستىدا قالدى. پەرزەنتلىرى بولسا ئائىلىلىرىدىن مەجبۇرى ئارىلىپ خىتايلاشتۇرۇلماقتا. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا پۈتۈن دۇنيادىن «ھەي خىتاي، غالجىرلىقىڭنى توختات» دەيدىغان بىرەرمۇ دۆلەت چىقمىدى. شەرقى تۈركىستاندىن ھىندىستانغا، ئاراكانغا، كەشمىرگە، پەلەستىنگە ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى كۆپلىگەن يەرلەرگە قارىغاندا، گۇناھسىز ۋە ئاجىز دۆلەتلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلالايدىغان چوڭ كۈچلەر شەرقى تۈركىستانغا كەلگەندە گويا «يامانغا يانتاياق بول» دېگەنكدەك  ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇشتا بىرلىككە كېلىۋالغاندەك تۇرىدۇ.

    بىز بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھېچ بولمىغاندا دۇئالىرىمىز، ئەقلىمىز، قەلبىمىز، ۋە

كۆڭلىمىز بىلەن شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىمىز.

    بىز بۇ يەردە بىر-بىرىمىز بىلەن تاپا-تەنە قىلىشىپ تۇرغىنىمىزدا، ئۇلار جانلىرى ۋە ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 16161 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2019 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق