توقايوفنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى قازاقىستان خەلقىنى ئەندىشىگە سالدى

توقايوفنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى قازاقىستان خەلقىنى ئەندىشىگە سالدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوفنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى قازاقىستان خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتايدىكى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى قازاقىستان-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، قازاقىستان خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى مۇھىم دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان توقايوف خىتايغا مايىل كىشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى خىتاي زىيارىتى ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قىلغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قازاق كىشى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قازاقىستانغا كۆپلەپ كىرىشىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئادەتتە ئۆز ئادەملىرىنى ئەكېلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، شۇڭا يەرلىك خەلقكە كۆپ مەنپەئەتى تەگمەيدىغانلىقىنى، يەرلىك خەلقنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، تۆۋەن مائاش بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان قازاق خەلقى ۋە سېرىكجان بىلاش ئوغلى ۋەقەلىرىمۇ قازاقىستان خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن.
ئۇندىن باشقا خىتايدىكى باشقۇرۇش سىستېمىسى قازاقىستاندا پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، كۆزىتىش سىستېمىسى ئاستا-ئاستا ئومۇملىشىشقا باشلىغان. پۇقرالار تېلېفوندا تورغا چىقماقچى بولسا، ئالدى بىلەن چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنغان ۋە ھۆكۈمەت چەكلىگەن تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش چەكلەنگەن.
بۇلاردىن سىرت خىتاي قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلارنى خىتايغا تەۋە قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان قويغان بولۇپ، قازاقىستان خەلقى خىتاينىڭ خۇددى تاجىكىستانغا ئوخشاش قازاقىستاننى قەدەممۇ قەدەم يۇتۇۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 770 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2019 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق