شىۋېتسىيەدە خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدە خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
9-سېنتەبىر شىۋېتسىيەدە خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نامايىشنى قوللاپ، بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
خوڭكوڭ خەلقىنىڭ «جىناتچىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇش قانۇنى»غا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش داۋاملىشىۋاتقىلى ئۈچ ئاي بولغان بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان نامايىش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك نامايىشنى باستۇرۇشقا ئامالسىز قالغان خىتاينىڭ نامايىشچىلارغا راست ئوقلارنى ئاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىغان.
مەزكۇر نامايىش پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر نامايىش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتۈشكەن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەدىكى بىر نەچچە تەشكىلات بىرلىكتە خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نامايىشنى قوللاپ، شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.
نامايىشقا شىۋېتسىيەدىكى خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەر، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە يېتەكچىلىرى، ياشلار گۇرۇپپىسى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە سىياسەتچىلەر بولۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشقان.
نامايىشقا قاتناشقان ھەر قايسى پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە سىياسىيونلار ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن.

 

بۇ خەۋەر 1398 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2019 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق