ئاسىيا دۆلەت يازغۇچىلىرى مۇنبىرى يىغىنى ئېچىلدى

ئاسىيا دۆلەت يازغۇچىلىرى مۇنبىرى يىغىنى ئېچىلدى

5-سېنتەبىر خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا دۆلەتلىرى يازغۇچىلىرى مۇنبىرى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا باشلانغان.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوف ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 دۆلەتتىن كەلگەن 300 گە يېقىن داڭلىق يازغۇچى ۋە ئەدىب قاتناشقان.
يىغىندا قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف سۆز قىلىپ: «مەزكۇر يىغىن مۇھىم دىيالوگ مۇنبىرىگە ئايلىنىشى ۋە بۇ مۇنبەردە ئىنسانىيەتنى قايغۇغا سېلىۋاتقان مەسىلىلەر بەس-مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەك. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىشىمىز، بۇ مۇكاپاتنىڭ نوپۇزىنى دۇنياغا داڭلىق مۇكاپاتلار دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئاسىيالىق يازغۇچىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق كۇتۇپخانا قۇرۇپ چىقىش پەيتى كەلدى» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
يىغىندا ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى ياقۇپ ئۆمەرئوغلى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «پىرېزىدېنت توقايوف ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز يولىنى سىزىپ، دۇنياغا ئاسىيا ماركىسى بىلەن تونۇلۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە بۇ قېتىملىق يىغىندا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەدەبىياتى ۋە دۇنيادىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى، چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىمىگە قول قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 527 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2019 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق