غۇلجىنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىرىدىن يەنە بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ ئىز دېرىكى يوق

غۇلجىنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىرىدىن يەنە بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ ئىز دېرىكى يوق
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پۇلدار سودىگەرلەر، بولۇپمۇ جامائەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ساخاۋەتچى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە قاراتقان ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرى كۈنسىرى كۈچەيمەكتە ۋە نۇرغۇن تىجارەتچى ئۇيغۇرلار كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرلۈك يوقىلاڭ تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردە قاماققا كېسىلگەندىن باشقا ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىپ ياكى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ ۋەيران قىلىنماقتا.
يېڭىدىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا كۆرە، غۇلجىنىڭ ئەڭ چوڭ تىجارەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىمام روزى، 76 ياش ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى تاشمەمەت ئىمام، 46 ياش، يارمەمەت ئىمام، 44 ياش ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق - تۇققانلىرى خىتاي تەرىپىدىن 2018 - يىل 2 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقلاردا تۇتقۇن قىلىنغان.

 

ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئىستانسىمىزغا دەپ بېرىشىچە، مەزكۇر دادا - بالىلار ھازىر غۇلجىنىڭ بوز تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا بولۇپ 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۇلارغا ئاتالمىش يېپىق سوت ئېچىلغان ۋە ھۆكۈمنىڭ 10 - ئايدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر ئائىلە غۇلجىدا تونۇلغان تىجارەتچى ئائىلە بولۇپ 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قازاقسىتانغا تۆمۈر مەھسۇلاتلىرى ئىكىسپورت قىلىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن بايلاردىن ئىكەن.
تۇققانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۇلارنىڭ مىليونلىغان دوللار قىممىتىدىكى مال - مۈلكىنىمۇ توڭلىتىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر پۇلدارلىرىنى ۋە ساخاۋەتچىلىرىنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىشتى ۋە ئۇلار ئۇچرىغان بۇ ناھەقچىلىككە قارشى چەتئەللەردە ئاخىرىغىچە تۇققانلىرىنىڭ داۋاسىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 

 

بۇ خەۋەر 2612 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2019 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق