ئىسلام ئەللىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئىسلام ئەللىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى
بۈگۈن ئېچىلغان ب د ت يىغىندا ئىسلام ئەللىرى شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك تەنقىدلەنگەن.
جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.
يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا سولىغانلىقى، بىراق خەلقئارادىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان ئېغىر ئەھۋاللارغا سۈكۈت قىلغانلىقى، ھەتتا پاكىستاندەك بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىلى يالغان سۆزلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلغان تۆھمەتلىرى بىلەن رەددىيە بېرىپ: «تېرروچىلارنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىۋاتىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق كېسىلىنى داۋالاپ تېخنكا ئۆگىتىۋاتىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1219 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2019 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق