(((ئەپەندىم ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلار)))

(((ئەپەندىم ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلار)))
- ھىكايە-
-يېقىندا ئەپەندىم شەرقى تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كەپتۇ. بۇنىڭدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپتۇ. ئۇلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئەپەندىم ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى،ئادانا، كونيا قاتارلىق شەھەرلەرگە كىلىپ بالىلار بىلەن ئۇچرۇشۇپتۇ. ئەپەندىم بىلەن بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن سۇئال -جاۋاپلار بۇپتۇ، ھىكايىلەر سۆزلۈنۈپ ئۆتۈپتۇ ئەمما ئەپەندىم ھېچ خۇشال كۆرۈنمەپتۇ. بالىلارمۇ ئويلىغانلىرىدەك تازا ئېچىلىپ كىتەلمەپتۇ. ئاخىرى بالىلار تىت-تىت بولۇشۇپ بىر يەرگە توپلىشىپتۇ، ۋە مەسلەھەتلىشىپ ئەپەندىمنى شۇ يەرگە چاقىرىپتۇ. شۇنداقلا ئۆزلىرىگە سەركە ئىسىملىك بىر بالىنى باش قىلىپ بۇنىڭ سەۋىبىنى سوراش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ.
ئۇ سەركە بالا ئەپەندىمنىڭ ئالدىغا تەمكىن ھالدا كىلىپ ئەدەپ بىلەن سالام قىلغاندىن كېيىن.
- تەقسىر بىز سىلىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمىز، سىلە بىلەن بەكمۇ خوشال بولىمىز. بىراق بۇ قېتىم سىلە ھىېچ خۇشال كۈرۈنمەيلا بىز دىن كۆڭۈللىرى ئاغرىپ قالغان ئوخشىمامدۇ دەپ سوراپتۇ؟
-يۇقسۇ سىلەر مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاغرىتمىدىڭلار، باشقا بىر قىسىم ئىشلارغا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدى دەپتۇ ئەپەندىم.
-ئۇنداقتا دىسىلە نىمە ياردەم كېرەك بولسا بىز تەييار، قانداق خاتالىق بولسا تۈزىتىمىز دەپتۇ سەركە بالا.
- گېلىنى قىرىۋەتكەندىن كېيىن بولىدۇ ئەمىسە دەۋىرەي دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ ئەپەندىم.
1-مەن ھەر بارغان جايدا ئۇيغۇر باللىرىنى كۈزەتتىم. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلمەيدىكەن، يەنە بەزىسى ئىككى گەپ بولسا بىرسىنى باشقا تىلدا سۆزلەيدىكەن. تولىمۇ ئەپسۇس ئاتا-ئانىللىرى پەرۋا قىلمايدىكەن ھەتتا بەزى ئاتا ئانىلار پەخرىلىنىپ كۈلۈشۈپ كىتىدىكەن. تىل ئۈگۈنۈش كېرەك ئەمما ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا قەتئى بولمايدۇ. ‹‹تىل يۇقالدى دىمەك مىللەت يۇقالدى دىمەكتۇر.››
2-نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى كۆردۈم، ئۇلار نەدە بولسۇن خاتىرجەم بولساق، ياخشى ياشىساق بولدى دەيدىكەن. ئىتىقادى ئاجىزلاپ، ۋەتەن مۇھەببىتى سۇسلۇشۇپ، مىللى روھى ئۈلۈشكە باشلاپتۇ. شۇ ئىسىڭلاردا بولسۇنكى‹‹ كاپىر دىنىنى ئۇنۇتقان ئادەملەردىن، مۇناپىق مىللىتىنى ئۇنۇتقان ئادەملەردىن، خائىن ۋەتىنىنى ئۇنۇتقان ئادەملەردىن چىقىدۇ››.
3- سىلەر ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەپسىلەر، دىسەم گەپ جېق ئوغلۇم دىگىنىچە كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ.
ئەتراپتا قارىشىپ تۇرغان بالىلار ۋە ئەگىشىپ كەلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ خىجىللىقتىن باشلىرى ساڭگىلاپ ئۈنلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپتۇ. بەزىللىرى ھەي... دەپ ھەسرەت چەكسە، يەنە بەزىللىرى ئازاپلىنىپ بۇلدۇقلاپ يىغلىشىپتۇ.
-ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز تەقسىر يول كۆرسەتسىلە دەپتۇ سەركە بالا.
- يول كۆرسەتسىلە ھەزرىتىم، بەرھەق، دۇرۇس يول كۆرسەتسىلە دەپ توۋلىشىپ كىتىپتۇ كۆپچىلىك....
- ئۇنداقتا ئۇبدان قۇلاق سېلىڭلار، ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزسۇن دەپ سۆزىنى داۋام قىپتۇ ئەپەندىم.
-ھازىر شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى بەك جىددى، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەر ئىچىدە، ئۇلار چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىز تەييارلىق قىلىش، يول ئېچىش ئۈچۈن بۇ يەردىن ھىجرەت قىلغان، ئولار بىزلەرگە ياردەم قىلىدۇ، بىزلەرنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ دەپ ئۆمۈت بىلەن ياشاۋاتىدۇ. سىلەر ئۆزەڭلەرنىڭ ئۇلۇغ ئەجداتلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىڭلار، تارىخ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى تونۇشىڭلار، ئۆزەڭلەرنى ھەر تەرەپتىن كۈچلەندۈرىشىڭلار كېرەك. دىمەكچىمەنكى:
1- ئىتىقادىڭلارنى چىڭىتىڭلار، تىلىڭلارنى قوغداڭلار، ئۆرپ ئادىتىڭلارنى ساقلاڭلار، مىللىتىڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار، ۋەتىنىڭلارنى سۆيىڭلار.
2- بىلىمىسىزلەر بىلىم ئۆگۈنىڭلار، بىلىملكلەرمۇ بىلىمىڭلارنى ئاشۇرۇڭلار، ساپايىڭلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭلار، تەتقىقات قىلىپ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ سېستىمىللىرىنى بۇزىۋېتىڭلار، رەزىل پىلانلىرىنى پاش قىلىپ، سۈيقەسىتلىرىنى توسۇپ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار.
3- بۇ يەردە شارائىت ياخشى، پۇرسەت بەك كۆپ ئىكەن. شۇڭا مۇجاھىتلار سىياسەتچىلەر بىلەن، پەننى ئالىملار دىنى ئۇستازلار بىلەن، تەشكىلاتلار جەمئىيەتلەر بىلەن، جەنۇپلۇقلار شىماللىقلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىڭلارنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇڭلار، سۈرئىتىنى يەنىمۇ تىزلىتىڭلار، سانىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇڭلار. دوسنى كۆپەيتىپ دۈشمەننى ئازايتىڭلار، ياردەم بىرەلەيدىغان دۆلەت، تەشكىلات، شەخىسلەر بىلەن جىددى ئالاقىلىشىپ يول ئېچىڭلار. مۇشۇنداق قىلساڭلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ، ياردىمىمۇ كىلىدۇ.
-بۇنى ئاڭلىغان ئەل جامائەتنىڭ روھى ياشىرىپ ھاياجاندىن:
بەرھەق، دۇرۇس، شۇنداق قىلايلى، خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىدىن قىساس ئالايلى، قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزايلى، ئەل قىساس، ئەل قىساس دىيىشكىنىچە ۋارقىرشىپ كىتىپتۇ.
ھەقدار
2019.8.19

بۇ خەۋەر 10607 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2019 16:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق