قىرغىز خەلقى خىتايلارنى قوغلاپ چىقاردى

قىرغىز خەلقى خىتايلارنى قوغلاپ چىقاردى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن قىرغىز خەلقى قىرغىزىستاندا ئالتۇن قېزىۋاتقان خىتايلارنى قوغلاپ چىقارغان.
4-ئاۋغۇست قىرغىزىستاننىڭ نورىن ۋىلايىتى سۇلتان سېرىق ئالتۇن كېنىدا ئالتۇن قېزىۋاتقان 60 تىن ئارتۇق خىتاي شۇ رايونغا ئالتۇن قېزىش ئۈچۈن بارغان يەرلىك قىرغىزلارنى تاش ئېتىپ قوغلىغان.
5-ئاۋغۇست خىتاينىڭ قىرغىزىستان زېمىندا قىلغان يولسىزلىقىنى ئاڭلىغان قىرغىز خەلقى دەرغەزەپ بولۇپ، تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، 500گە يېقىن كىشى يىغىلغان ۋە ئالتۇن كاندا ئىشلەۋاتقان خىتايلارنى تاش-كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇپ قوغلىغان. قورقۇپ كەتكەن خىتايلار كاندىكى ماشىنا ۋە بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاخىرىدا قىرغىزىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن ۋەقەگە ئارىلىشىپ، توقۇنۇشنى تىنچلاندۇرۇشقا تىرىشقان.

بۇ خەۋەر 920 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2019 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق