خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەيۋەنگە شەخسىي ساياھەت قىلىشىنى چەكلىدى

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەيۋەنگە شەخسىي ساياھەت قىلىشىنى چەكلىدى

سىپاتنىك تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى پۇقرالارنىڭ تەيۋەنگە شەخسىي ساياھەت قىلىشىنى چەكلىگەن. ئەمما ساياھەت شىركەتلىرى ئارقىلىق ياكى ئىش بېجىرىش ئۈچۈن بارغانلار بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، مەزكۇر چەكلىمىنىڭ بۈگۈندىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 2.2 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەنلىكى، شۇنداقلا تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللاپ، خىتايغا قارشى قىلغان سۆزلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.
تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن خىتاينىڭ بۇ قارارى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ساياھەتچىلەرنى سىياسىي قورال سۈپىتىگە قوللىنىش تەيۋەنلىكلەرنى تېخىمۇ سەسكەندۈرىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1077 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2019 21:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق